乌鲁木齐市 切换城市

请选择您所在的城市:

    热门
    城市

    头条资讯

    发布投稿
    客服热线18199357000
    广告

    中国维吾尔语广播网

    200-01-01

    阅读:0

    评论:0

    举报

    [摘要] باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىد

    باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، تارىخ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر لوگىكىسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.
    باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ غەلىبىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلىپ، قان بىلەن گۆشتىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىكى تۇنجى تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بىزنىڭ داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىشىمىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
    14 يىل قان كېچىپ جەڭ قىلىندى، 14 يىل مىسىلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىندى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەسكەر سۇڭ جاڭسو بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا نەزەر سېلىپ، يېڭى تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، بەك ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دۆلىتىمىزنىڭ باي-باياشات بولغانلىقى، كۈچەيگەنلىكى، ئارمىيەمىزنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىز «سۆك ۋە ئاددىي مىلتىق» ئىشلەتكەن چاغدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يۈز ھەسسە، مىڭ ھەسسە ياخشى.
    «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى لى خۇڭتا مۇنداق دېدى: بۇ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، مىللىي روھنى ئۇرغۇتقانلىق. پۈتكۈل ھەربىي پارات پائالىيىتىدە ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋىسى، دۆلەتنىڭ قۇدرىتى نامايان قىلىنىپ، «ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقى تىنچلىقنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقى، خەلقنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقى» يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
    سۇچىلىق مىنىستىرلىقى دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە قەھرىمانلار ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنىنى قوغدىغاندەك، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر دەريا-ئېقىنى، ھەر بىر كۆلىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش تەپەككۇرى ۋە سۇ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
    جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ ئىنقىلاب خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى جېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە چاسا ئەترىتىمىزنى كۆرۈپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، بىز پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى، قىزىل كېمىنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك.
    يېڭى تارىخ يارىتىش-تارىخنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك. «خەلق ھۈنەرۋىنى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچى شۈ جېنچاۋ مۇنداق دېدى: مەن دائىم خىزمەتداشلىرىمغا ئەجدادلىرىمىز مىلتىق بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن، بىز بولساق تېخنىكا ۋە ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، پورتنى بىرلىكتە تىرىشىپ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك دەيمەن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى ياش ئەۋلادلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەندە، ئۇلارنىڭ «يېڭىلگەنگە تەن بەرمەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان» جاسارەت بىلەن تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    جۇڭگو شال تەتقىقاتخانىسى شىمال شال تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى يۈ خەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، بىز شىمالنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «شىمال ئاشلىق ئامبىرى»نى چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، تىنچلىق ۋە دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىمىز.
    باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگو مەڭگۈ دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، تەرەققىيات كۈچى بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
    بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يەن مۇنداق دېدى: پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، ھۆرمەت توپى ئېتىلغاندا، تىنچلىق كەپتىرى قويۇپ بېرىلگەندە، بىزنىڭ تارىخقا توغرا قارىشىمىز تېخىمۇ ياخشى، تىنچ تەرەققىي قىلىش شۇنداقلا بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
    پاراتقا قاتناشقان ئەسكەر زو سۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا پائال ئاتلىنىپ، ھەر ۋاقىت بۇيرۇققا بويسۇنۇپ سەپكە ئاتلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
    تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
    سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

    关键词: 中国 维吾 尔语 广播网

    人已打赏

        ×

        打赏支持

        打赏金额 ¥
        • 1元
        • 2元
        • 5元
        • 10元
        • 20元
        • 50元

        选择支付方式:

        打赏记录
        ×

        精彩评论文明上网理性发言,请遵守评论服务协议

        共0条评论
        加载更多

        打赏成功!

        感谢您的支持~

        打赏支持 喜欢就打赏支持一下小编吧~

        打赏金额¥{{ds_num}}
        打赏最多不超过100元,打赏须知

        收银台

        订单总价¥0.00

        剩余支付时间:000000

        手机扫码支付

        使用支付宝、微信扫码支付

        其他支付方式