墨玉县 切换城市

请选择您所在的城市:

    热门
    城市

    头条资讯

    发布投稿
    客服热线18199357000
    广告

    中国维吾尔语广播网

    200-01-01

    阅读:0

    评论:0

    举报

    [摘要] باش شۇجى شى جىنپىڭ ياسىمىچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش شەرت دەپ كۆرس

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ياسىمىچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش شەرت دەپ كۆرسەتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.7 كە يەتتى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر تېزدىن يېڭىلىنىپ، گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، كەلگۈسى كەسىپلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، دۆلىتىمىز ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە.
    ياسىمىچىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئۇلى. بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەرلىكتە خىزمەت تەكشۈرگەندە كۆپ قېتىم ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىغا باردى. باش شۇجى 5-ئايدا خېنەن لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ياسىمىچىلىقنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئۆزىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ «مىقدارى ۋە سۈپىتى تەڭ ئاشتى». بۇنىڭ ئىچىدە، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم «سەھنىدە ھەرىكەت قىلىش»، «مۇسابىقە مەيدانىدا يۈگۈرۈش»تىن «ئائىلىدە ئىشلىتىش»، «زاۋۇتتا ئىشلەش»كە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلماقتا.
    بېيجىڭدا، نۆۋەتتە 400 دىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم تايانچ كارخانىسى ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» ماشىنا ئادەم كارخانىسى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ بىرلىك سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى ئەقلىي ياسىمىچىلىق ۋە جابدۇق كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يېچۈەن مۇنداق دېدى: بىز 2023-يىلىدىن بۇيان، ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش ساھەسىدە، 199 خىل ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 134 ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسىدە ئىشلەتتۇق، بۇ، سانائەتتە قوللىنىش، داۋالاش، كۈتۈنۈش، سۇچىلىق، باغ-ئورمان قاتارلىق 11 چوڭ تۈردىكى مەنزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    سانائەت تەرەققىياتىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا، نۇقتىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەھسۇلاتلىرىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كەلدى.
    شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ دوكىدا، «ئەيدا.خۇاچېڭ» ناملىق ئىككىنچى چوڭ پوچتا پاراخوتىنىڭ ئىچىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنە سىستېمىسىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، تۈرنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتى %83 تىن ئاشتى. جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ پوچتا پاراخوتى تۈرىنىڭ نەق مەيدان باش قوماندانى قوشۇمچە باش لايىھەلىگۈچىسى چېن گاڭ مۇنداق دېدى: پوچتا پاراخوتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پوچتا پاراخوتى جابدۇقلىرى تەمىنات زەنجىرىگە بولغان تونۇشىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. بىز ئۈزلۈكسىز ئاساس سېلىپ، پۈتكۈل پوچتا پاراخوتى تەمىنات زەنجىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز.
    چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى بىر-بىرلەپ قەد كۆتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تېزدىن زورىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىدا ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇش دائىرىسى كېڭىيىپ ئۈنۈمى ئاشتى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق سانائەت ئىنتېرنېت سۇپىسى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇلىنىش سانى 100 مىليون يۈرۈشتىن ئېشىپ، ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتىن كۆلەمنى كېڭەيتىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.
    خېنەن لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئەقلىي زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، مېخانىك بىلەك جانلىق ھەرىكەت قىلدى، ئادەمسىز توشۇش ئاپتوموبىلى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇردى، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بىلەن بۇلۇت تېرمىنالى بولغان «مەۋھۇم زاۋۇت» ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: زاۋۇت رەقەملىك قوشكېزەك سىستېما ئارقىلىق، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۇچۇرى، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش رىتىمى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ھەم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجرا سىستېمىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بايلىق تەقسىملەش ۋە ئەقلىي يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
    دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقى رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىش، ئىلغارلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
    9-ئاينىڭ بېشىدا، ئىلغار نۇر بىلەن ئويۇش يېلىم تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە ماس كېلىدىغان پۈتۈن زەنجىر ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ۋۇشى ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ نانومېتىر دەرىجىلىك نۇر بىلەن ئويۇش يېلىمى ئوتتۇرا سىناق لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى، جياڭسۇنىڭ ۋۇشى شەھىرى «كەسىپ توپى + ئۆزگىچە باغچە رايونى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە توپلاش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. ۋۇشى شەھىرى جىڭكەي رايونى تەيخۇۋەن ئۇچۇر تېخنىكا كەسپى باغچىسى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى زو لياڭ مۇنداق دېدى: بىز بىناغا چىقىپ-چۈشۈشنى باش ۋە ئاياغ ھالقىغا ئايلاندۇرۇپ، باغچا رايونىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە بىزنىڭ كەسىپ ئورنىمىزغا ئاساسەن، ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارىمىز، بۇ تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇنداق بولغاندا بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولۇش جەريانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش مىقدارى 8 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، يەر شارى ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 تىن ئېشىشى مۇمكىن، پۈتۈن دۇنيادىكى 504 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى، ياسىمىچىلىقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا 15 يىل يەر شارىدا 1-ئورۇندا تۇردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لېچېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سانائەت تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەت بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى «يېڭى» ئورۇنلاشتۇرمىغا، پۇختا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.
    تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
    سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

    人已打赏

        ×

        打赏支持

        打赏金额 ¥
        • 1元
        • 2元
        • 5元
        • 10元
        • 20元
        • 50元

        选择支付方式:

        打赏记录
        ×

        精彩评论文明上网理性发言,请遵守评论服务协议

        共0条评论
        加载更多

        打赏成功!

        感谢您的支持~

        打赏支持 喜欢就打赏支持一下小编吧~

        打赏金额¥{{ds_num}}
        打赏最多不超过100元,打赏须知

        收银台

        订单总价¥0.00

        剩余支付时间:000000

        手机扫码支付

        使用支付宝、微信扫码支付

        其他支付方式